Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海尔曼达德
دۇنيا تارىخى
خېرمانداد
<قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى> دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسپانىيە شەھەر كوممۇنىسى تۈزگەن ئىتتىپاق. ⅩⅢ ئەسىردە ئارگون، كاستىل، لېئان قاتارلىق جايلاردا مەيدانغا كەلگەن، ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاقتى - سوقتى قىلىشى ۋە تالان - تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، شەھەر كوممۇنىسىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. كېيىن پادىشاھنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئامانلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ⅩⅤئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىسپانىيە مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگشىپ، ئاستا - ئاستا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.