Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海得尔堡人
دۇنيا تارىخى
ھىيدېلبېرگىنتال
تاشقا ئايلانغان مايمۇنسىمان ئادىمى. 1907 - يىلى گېرمانىيىدىكى ھېيدېلبېرگنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىك مۇئېر دېگەن يەرنىڭ قۇملۇق توپا قاتلىمىدىن تۇنجى قېتىم تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تېپىلغان تاشقا ئايلانغان سۆڭەك مۇستەھكەم ھەم چوڭراق بولغان تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكى. تۆۋەنكى جاغ شېخى قىسقا، كەڭ كەلگەن، تۆۋەنكى جاغ تەشكى بولۇپ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمان ھالەتتە بولغان، چايناش مۇسكۇلىنىڭ دائىرىسى بەك چوڭ، بۇ ئۇنىڭ ئىپتىدائىي خۇسۇسىيىتى؛ لېكىن چىش يايى قىسقا، كەڭ كەلگەن، چىشلار تەكشى ھەم زىچ كەلگەن، ئۇ بۇنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى. ئىلگىرى ئۇ قەدىمكى ئادەمگە كىرىدۇ دەپ قارالغان، ھازىر ياۋروپادىكى ئەڭ دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادىمى دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تېپىلغان تاشقا ئايلانغان ھايۋانلاردىن ھۆكۈم قىلىنىشىچە، ئۇ ياشىغان دەۋر مېندېل مۇز دەۋرىنىڭ مۆتىدىل دەۋرىگە، گېئولوگىيە ئېراسى 4 - دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ.