Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېئورگې توپۇ
دۇنيا تارىخى
乔治.图普一世
qiáo zhì .tú pǔ yí shì
(1797 - 1893) تاۋفا ئاخاۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1845 - 1893). تەختتىكى مەزگىلىدە، تونگا تاقىم ئاراللىرى قەبىلىلىرىنىڭ تالاش - تارتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن؛ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئاقساقاللارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇش قانۇنىنى جاكرلىغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالار ۋەكىللىرى قاتناشقان پارلامېنت تەسىس قىلغان؛ ئاساسىي قانۇن تۈزگەن، پۈتكۈل يەرلەرنىڭ پادىشاھقا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ئىلگىرى - كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ، پادىشاھلىقنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىنغان.