Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېئورگىي دوسا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
乔治. 多沙起义
qiáo zhì . duō shā qǐ yì
ئەھلىسەلىپ جەڭچىلىرى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېنگرىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئودللىققا قارشى قوزغىلىڭى. 1514 - يىلى 4 - ئايدا، رىم پاپاسى لېئو Ⅹ (1513 - 1521 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋېنگرىيە ئارخېئېپىسكوپىنىڭ تەلىپى بىلەن تۈركلەرگە قارشى ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇشنى جاكارلىغان. لېكىن قوشۇنغا ئېلىنغان دېھقانلار قوزغىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى فېئوداللارغا قارشى تۇرغان. بۇنىڭغا كىچىك ئاقسۆڭەك گېئورگىي دوسا (تەخمىنەن 1470 - 1514) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، قوزغىلاڭ پۈتۈن ۋېنگرىيە ۋە ترانسلۋانىيە (شۇ چاغدا ۋېنگرىيىگە قارايتتى)نى قاپلاپ كەتكەن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرەققى قىلىپ نەچچە ئونمىڭغا يەتكەن، دېھقانلاردىن باشقا، بىر مۇنچە شەھەر كەمبەغەللىرىمۇ قاتناشقان. دوسا يانچىلىق تۈزۈمىنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ۋېنگرىيىنى جۇمھۇرىيەت دەپ ئېلان قىلىش پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئەكسىيەتچى قوراللىق كۈچلەرنى توپلاپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تۆت ئاي پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، شۇ يىلى 7 - ئايدا مەغلۇپ بولغان. گىئورگىي دوسا ئەسرىگە چۈشۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىگىچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. تەخمىنەن 50 مىڭ دېھقان ئۆلتۈرۈلگەن.