Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىئالىن كىسلاتاسى
بىئولوگىيە
ئۇرۇنىك كىسلاتاسىۋە ئاتسېتىل گلۇكوزامىندىن تۈزۈلگەن بىر خىل يېپىشقاق پولى ساخارىد بولۇپ، β - گلۇكورونىك كىسلاتا (1 ← 3)، β - ئاتسېتىل گلۇكوزامىن (1 ← 4) لىق تۈزۈلۈشلۈك قايتىلىنىدىغان بىرلىكى بولىدۇ. ياكى ئەركىن ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ، ياكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ھاسىل قىلغان قەنت ئاقسىلى كۆز ئالمىسىنىڭ ئەينەك تەنچىسى، مۈڭگۈز پەردە، كىندىك، كۆكرەك پەردە سۇيۇقلۇقى، تېرە قاتارلىقلاردا مەۋجۇت بولىدۇ، ئۇ توقۇلمىلاردا مۇكويتىن بىلەن بىللە سۇنى سۈمۈرۈپ ھۈجەيرىلەرنى يېپىشتۇرغۇچى، ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىدىكى سىلىقلاشتۇرغۇچى بولىدۇ. شۇڭا قوغداش ۋە ھۈجەيرىلەرنى يېپىشتۇرۇش ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە. بەزى باكتېرىيە، ھەرە، يىلان زەھەرلىرى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ تەركىبىدە گىئالىن كىسلاتا ئېنزىمى بولۇپ، ئۇ گىئالىن كىسلاتاسىنى پارچىلىۋەتكەنلىكتىن ئورگانىزمغا ئۆتىدۇ.