Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گۇئىسدېچىلار
دۇنيا تارىخى
盖德派
gài dé pài
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇئىسدې رەھبەرلىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇش مەزگىلىدە شەكىللىنىپ، دەسلەپتە كوللېكتىۋىزمچىلار دەپ ئاتالغان ۋە ماركسزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە زور رول ئوينىغان. مۇمكىنچىلەر، ھۆكۈمەتسىزلەر، <ئىچكى كابېنتقا كىرگۈچىلەر> قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان؛ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي ئازادلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ خەلققە قارشى سىياسىي ۋە مۇستەملىكىلەرنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئەمما بۇلانگېر ۋەقەسى، درېيفۇس دېلوسىدا مەزھەپچىلىك تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باي دېھقانلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسن قوغدايدىغان يەر پروگراممىسى - <نانتېس پروگراممىسى> نى تۈزگەن. پارلامېنت كۈرىشىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن. 1901 - يىلى فرانسۇز سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1905 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئېقىم مەيدانىدا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە <مۇقەددەس ئىتتىپاق> ئىچكى كابېنتىگە قاتنىشپ، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن يوقالغان.