Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇۋاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۇۋاھ، شاھىد، ئىسپات:
بولۇپ زاتى رەخشەند مىرئات ئاڭا،
گۇۋاھ ئۇشبۇ دەئۋىدە زەررات ئاڭا.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەلىل - ئىسپات بەرگۈچى، ئىش - ھەرىكەتنى ئىسپاتلىغۇچى.
تىلغا چىشى گۇۋاھ بولسۇن. قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ، ئىمامنىڭ گۇۋاھچىسى مەزىن. سۆز تىل جىلۋىسىنىڭ شاھىتى، بىلگىن، بۇ جىلۋىدىن مەھرۇم بولۇش بەك قىيىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر ۋەقە - ھادىسە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندا بولغان، كۆرگەن كىشى؛ شاھىت.
گۇۋاھ بولماق.
- بۈگۈن شۇنچە خالايىق ئاڭلىدى. ھەممىسى گۇۋاھ.
سوت ياكى تەرگەۋ ئىشلىرىدا بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە سوت تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى.
گۇۋاھ چاقىرماق.
قەمەروززاماندىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان غەيۇر شاھ بۇ شەرت ۋە جاۋابقا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن، قازىلارنى قىچقىرىپتۇ.
بىرەر ۋەقە - ھادىسە، شىكايەت، دەۋا، ئەرزىيەت قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىغۇچى نەرسە؛ ئىسپات، دەلىل.
ئۇنىڭ سالچىلىق ھاياتىغا مۇشۇ سۇ گۇۋاھ.