Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇستاۋ ۋاسا
دۇنيا تارىخى
(1496 - 1560) شۋېتسىيە كورۇلى (1523 - 1560). 1523 - يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، دانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ (<كالمار ئىتتىپاقى> غا قارالسۇن)، شۋېتسىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، پارلامېنتتا كورۇللۇققا سايلىنىپ، ۋاسا خاندانلىقىنى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە، دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، لۇتىر مەزھىپىنىڭ پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، شۋېتسىيە يېزىقىدىكى <ئىنجىل> نى نەشىر قىلدۇرغان؛ كاتولىك چېركاۋىنىڭ يەر - زېمىن مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ مالىيەنى رەتكە سالغان؛ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، پادىشاھلىق ئورۇننىڭ مىراس قالىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان؛ سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، دېھقانلارغا قاراتقان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكتىن، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان (1524 - 1525، 1527 - 1528، 1531 - 1532). لېكىن ھەممىسى باستۇرۇلغان.