Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
古斯塔夫五世
دۇنيا تارىخى
گۇستاۋ Ⅴ
(1858 - 1950) شۋېتسىيەكورۇلى (1907 - 1950). ئوسكار Ⅱ نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ئوپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1884 - 1891 - يىللىرى ئاتىسىغا ۋەكالىتەن نورۋېگىيىدە تۇرغان. 1892 - يىلى گېنېرال لېيتنانت بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىردە ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە پارلامېنت تۈزۈمىگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان. 1917 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1914 - يىلى 12 ـ ئايدىكى مالمىيودا ئېچىلغان شىمالىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كورۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1939 - يىلىدىكى سوېت - فىنلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىنلاندىيىگە ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۋېتسىيەنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىكىنى قايتا جاكارلىغان، ئەمما فاشىست گېرمانىيىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن.