Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇرۇپپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىياسىي - ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە.
تەشكىلات بۆلۈم. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە. گومىداڭ پىرقىسى. ئازادلىق جەمئىيىتى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى. ئاياللار بىرلەشمىسى. شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى. ياشلار ئۆمىكى. ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى. مۇزىكا ترۇپپىسى. پارتىيە پاچېيكىسى. ئۈگىنىش گۇرۇپپىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
ئى بىرەر يەرگە يىغىلغان كىشىلەر، ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ئۇيۇشقان بۆلىكى؛ توپ:
ئوغۇللار ھەر كۈنى دەرستىن كېيىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پۇتبول ئوينايدىغان بولدى.
دەرس ياكى مەشغۇلات ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش بىرەر مەقسەت بىلەن بىرلەشكەن كىشىلەر توپى؛ ئەترەت، گۇرۇھ.
خىزمەت گۇرۇپپىسى. پارتىيە گۇرۇپپىسى. ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى. تەتقىقات گۇرۇپپىسى.
تۈر، تارماق.
قازاق تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئوغۇز - قىپچاق تىل تارمىقىنىڭ قىپچاق - نوغاي تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
بىرەر ئورتاق بەلگە، خۇسۇسىيەت قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسىلەر، ھادىسىلەر بۆلىكى، تۈركۈمى.
يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسى. سەييارىلەر گۇرۇپپىسى.