Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇپتا سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندا قۇرۇلغان ماگاپخا دۆلىتىنىڭ تۇنجى فېئوداللىق سۇلالىسى. تەخمىنەن مىلادى 320 - يىلى چاندىرا گۇپتا Ⅰ قۇرغان. پايتەختى پاتالىپۇترا (ھازىرقى پاتېنا). سامۇدرا گۇپتا تەختكە ئولتۇرغاندا (تەخمىنەن 330 - 380) كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچلىك يۈرگۈزۈپ، شەرقتە براخما پۇترا دەرياسىدىن غەربتە ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغىچە بولغان كەڭ رايوندا بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان. چاندىرا گۇپتا Ⅱ زامانىسىدا (تەخمىنەن مىلادى 380 - 413) تازا روناق تاپقان، سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولغان، ئىقتسادىي گۈللىنىپ، مەدەنىيتى تەرەققى تاپقان. 405 - يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن راھىب فاشيەن مەزكۇر جاينى زىيارەت قىلغاندا ماگاپخا دۆلىتىدە <پۇقرالار خۇشال - خۇرام ياشايدىكەن، باجگىر ئەمەلدارلىرى يوق ئىكەن> دەپ يازغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئىمپېرىيە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندىلا ئىفتالىتلار داۋاملىق تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغانلىقتىن مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، زېمىنى كۈندىن - كۈنگە تارىيىپ، ماگاپتا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا سۇلالە ئاجىزلاپ كەتكەن. گۇپتا سۇلالىسى مەزگىلىدە ھىندىستاننىڭ قۇللۇق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، فېئوداللىق مۇناسىۋەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. مەدەنىيىتى تەرەققى تاپقان، سانسكرىت ئەدەبىياتى، رەسساملىق، ھەيكەلتراشلىق ۋە بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقيەت قازانغان.