Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
果戈里
دۇنيا تارىخى
گوگول
(1809 - 1852) روسىيەلىك يازغۇچى. ئوكرائىنانىڭ پولتاۋا ئوبلاستىدىكى پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىل تىياتىرغا قىزىققان. 1828 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پېتېربۇرگقا بېرىپ كىچىك خىزمەتچى بولۇپ، <ئاددىي كىشىلەر> نىڭ ئازاب - ئۇقۇبەتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن. 1831 - يىلى <دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت> ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى يېزىپ، ئوكرائىنانىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. 1834 - يىلى كەسپىي يازغۇچى بولغان. 1835 - يىلى <مىلگىراد> ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ھەجۋىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە <كونا زامان پومىشچىكلىرى>، <ئىككى ئىۋاننىڭ ماجىراسى> دە پومىشچىكلارنىڭ چاكىنلىقى ۋە چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن؛ <تاراس بولبا> ناملىق ئەسىرىدە ⅦⅩ ئەسىردىكى ئوكرائىنا خەلقنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرىنى مەدھىيلىگەن. <پېتېربۇرگ ھەققىدە ھېكايە> ناملىق پوۋېستلار توپلىمىدا شەھەر تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشكە ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە <نېۋا رەستىسى>، <سەۋدايى خاتىرىسى> ۋە <شىنىل> قاتارلىق پوۋېستلىرىدا كىچىك خىزمەتچىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ چار پادىشاھ تۈزۈمىگە بولغان قارشىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <رىۋىزور> ناملىق كومىدىيىسى، <ئۆلۈك جانلار> ناملىق رومانىدا ئېنىق ھەجۋىي ئەدەبىي ئۇسلۇب بىلەن روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ، نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تىپىك شەخسلەرنى ياراتقان. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. 1847 - يىلى ئىككىنچى قېتىم چەت ئەلنى ساياھەت قىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سلاۋيانچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، <دوستلار بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلار> نى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بېلىنسىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسەرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
ئىستېتىكا
guǒ gē lǐ
گوگول