Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى
دائىرە: دۇنيا تارىخىلاتىنچە <indulgentia> ئىندۇلگېنتىيە يەنى <ئەپۇ قىلش> دىن كېلىپ چىققان. رىم پاپاسى باستۇرغان بىرخىل گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى. كاتولىك چېركاۋى مۇرىتلىرى بۇ خىل تۇمارنى سېتىۋالسا، گۇناھتىن ساقىت بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخ ئازابىغا ئۇچرىمايدۇ، دەپ جاكارلانغان. گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنىڭ باھاسى، شۇ كىشى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ چوڭ - كىچىلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. 12 - ئەسىردىن باشلاپ، پاپا ۋە چېركاۋ گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنى كۆپلەپ بېسىپ ۋە سېتىپ، ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئىلغار قاتلاملارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.