Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇمانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۇمان - شۇبھە تۇغدۇرىدىغان ھالەت.
گۇمانلىق ئىشقا گۇۋاھ بولما. شۈبھىلىك ئادەم دوستلۇققا يارىماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىشەنچە قىلىشقا بولمايدىغان. گۇمانلىق ئادەم
ئىشەنچلىك
ئىشەنسە بولىدىغان. ئىشەنچلىك ئادەم
سوقا - دېھقاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى. دوستۇڭ ئىشەنچسىز بولسا، دەرھال قولۇڭنى ئۈز. گۇمانلىق ئادەم كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. شۈبھىلىك ئىشتىن نەتىجە كۈتمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
شەك، شۈبھە تۇغدۇرىدىغان، ئىشىنىپ بولمايدىغان؛ شۈبھىلىك.
گۇمانلىق ئادەم.
توختى چولپانخان ئانىنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشىنەلمەي گۇمانلىق قاراپ ئولتۇراتتى.