Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يوقىلىش، غايىب، ئادىشىش، يولدىن ئېزىش؛ يوق، يوقالغان:
دېمىش بەخت - تالىئلارىم بولدى گۇم،
كى قۇستەنتەنىييە مېنىڭ مەۋلۇدۇم.
ئا. نىزارى،ن زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يوق، يوقالغان، تۈگىگەن، يۈتكەن، ئاداشقان: گۇم بولماق - يوق بولماق، كۆزدىن غايىب بولماق؛ گۇم قىلماق - يوق قىلماق؛ گۇمران - ئاغدۇرۇلغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈنلەي يوق بولماق (قىلماق)، پاچاقلاپ تاشلىماق.
«قىلماق»، «بولماق»، لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ساختىپەزنىڭ گۇم بولمىغىنى يوق. يالغانغا ئىشەنگەن ھەقىقەت ئالدىدا گۇمران بولار. دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى ھىيلىسى كۇمپەيكۇم قىلىندى. ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا، ھەقىقەت گۈرزىسى كۇكۇم - تالقا قىلۋېتىدۇ. كىشىگە قەست قىلماقچى بولغان يەر بىلەن يەكسان بولسۇن. دۈشمەنلەر قاتتىق زەربىدىن تىرىپىرەن بولۇپ قاچتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
زەمبىرەك، بومبا قاتارلىقلارنىڭ ئېتىلىشى، پارتلىشى ۋە بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر نەرسىگە قاتتىق ئۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز.
بومبا <گۇم> قىلىپ پارتلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
مەۋجۇت بولمىغان، مەۋجۇت ئەمەس؛ يوق.
گۇم بولماق. گۇم قىلماق.