Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇلاب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈل سۈيى، ئەتىرگۈل ياپراقلىرىدىن ئېلىنىدىغان خۇشبۇي ئىچىملىك:
يىراق ئەتتى سۇنى ئىچۈردى گۇلاب،
زەرەر يەتكۈسى دەپ قىلىپ ئىنتىجاب.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
گۈلنى كۆرسەم بىخۇد ئولسام ئىشىق زوردىن داغى،
ھەم بېرىپ ەلئلىڭ گۇلابىدىن كى ئىمداد ئەيلەگىل.
موللا بىلال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەتىرگۈلنىڭ سۈيى، ئەتىر؛ قىزىلگۈلدىن قىلىنغان ئېچىملىك: گۇلاب ئامىز - گۇلاپ ئارىلاش؛ گۇلابخانە - گۇلاپ قىلىندىغان ۋە ساقلىنىدىغان ئۆي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەتىرگۈل سۈيى.
مەلىكىنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە گۇلاب چېچىپ ھوشىغا كەلتۈردى.
ئەتىرگۈل سۈيىدىن قىلىنغان شەربەت.
گۇلاب ئىچمەك.