Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۇگۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن پاتقان، يۇلتۇز چىقىمغان ئارىلىق.
گۇگۇمدا گۈل كۆرگەندىن نېمە ھۇزۇر ئالىسە، زاۋال ۋاقتىدا زاماننى ئويلا. شام ۋاقىتىدا شامغا موھتاج بولىسەن. تۈنۈگۈن كۆز قارايغان چاغدا تېخى يولدا ئىدۇق. ئۇلار مېھماندىن كۆز باغلانغان ۋاقىتتا كېلىشتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن، تاڭ، سەھەر، سۈبھى، بامدات
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ناماز شام ئارىلىقىدىكى، تاڭ يورۇش مەزگىلىدىكى قاراڭغۇلۇق.
گۇگۇم چۈشمەك. گۇگۇم ۋاقتى.