Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈزەللىك تۇيغۇسى
پسىخولوگىيە
بۇ شەيئىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدىكى تۇيغۇ يەنى كىشىنىڭ جەمئىيەتتىن ئىگىلەپ ئالغان گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپدىكى رىئاللىققا، تەبىئىي ھادىسە، ئىجتىمائىي ھادىسە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش فورمىسىغا ھەم ئۇنىڭ مۇزمۇنىغا باھا بەرگەندە پەيدا بولغان ھېسيات تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. كىشلەرنىڭ ھەممىسىدە گۈزەللكنى بىلىش قابىلىيىتى بولىدۇ. لېكىن بۇ تۇغما بولمايدۇ. گۈزەللىك ئۆلچىمى، يەنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئىنكاس كىشلەرنىڭ ئىدىيۋى ئېڭىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك تارىخىي مەزگىل ۋە سىنپىي جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك سىنىپ كىشلىرىنىڭ گۈزەللىك ھېسىياتىدا ئورتاقلىقمۇ، پەرقمۇ بولىدۇ. كىشلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى، بىلىم سەۋىيىسى، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىر خىل بولمىغانلىقتىن، ئۇلاردا شەكىللەنگەن گۈزەللىك ھېسيات تۇيغۇسىدىمۇ پەرق بولىدۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىۋى كۆز قاراش، ئۆزلىرى تۇرغان جۇغراپىيلىك مۇھىت، كېلىمات شارائىتى بىر خىل بولمىغانلىقتىن، ھەر قايسى مىللەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەنگەن. مانا بۇلار گۈزەللىك تۇيغۇسىدىكى پەرقلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى چوڭ ئامىل.
گۈزەللىكنى بىلىش شەخسنىڭ بىر خىل ئەركىن سەزگۈسى بولغانلىقتىن، گۈزەللىك تۇيغۇسى ھامان مەلۇم خىلدىكى خوشاللىق تۇيغۇسىغا قاراپ بولىدۇ. گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرى: (1) شاتلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش؛ (2) مايىللىق تۇيغۇسى بولۇش، كۆپ قېتىم ھوزۇرلىنىش بىلەن شەيدالىق دەرىجىسىگە يېتىش؛(3) پاراسەت خاراكتېرلىك بولۇش.گۈزەللىك تۇيغۇسى گۈزەللىك ئۆلچىمىگىلاباغلىق ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇنىڭدا شەيئىگە نىسبەتەن ھېسسىي ئالاھىدىلىك چەكلىمىسىمۇ بولىدۇ. مەسلەن، رەڭ، فورما، ئاۋازلارمۇ گۈزەللىك تۇيغۇسىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. لېكىن شەيئىنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى شەيئىنىڭ مەزمونىدىن ئايرىلمىغان ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇشنىڭ مەنبەسى - ئاخىرقى ھىسابتا بەلگىلەش رولىنى ئوينايدىغىنى شەيئىنىڭ مەزمۇنى. بىر كىشىنىڭ راستچىل، سەمىمى، سادىقلىقى ۋە كىشلەرگە ياردەم قىلىشنى خوشاللق دەپ بىلىشى، قىزغىنلىقى، شەخسىيەتسىزلىكى قاتارلىقلارمۇ كىشىدە بىر خىل يېقىملىق گۈزەللىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. تېنى تۈزۈك بولمىسمۇ كۆڭلى تۈزۈك كىشىمۇ كىشىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇلار شەكىل گۈزەللىكى بىلەن مەزمۇن گۈزەللىكىنىڭ بىرلىكى.