Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گۈل ئېچىلماي ئۇرۇقلىنىش
دائىرە: بىئولوگىيە闭花受精
bìhuāshòujīng
بەزى ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىكى گۈلى ئېچىلماي تۇرۇپ ئۆز گۈلى ئىچىدە چاڭلىنىش ۋە ئۇرۇقلىنىشنى تاماملاش ھادىسى. گۈلى ئېچىلماي ئۇرۇقلىنىدىغان گۈلى ياكى باشتىن ئاخىر ئېچىلمايدۇ ياكى ئېچىلىشتىن بۇرۇن چاڭلىنىش ۋە ئۇرۇقلىنىشنى تاماملاپ بولىد. ئۇ چاڭلىنىش جەريانىدا گۈل چېڭى ياكى چېچىلىپ ئانىلىق ئاغزىغا چۈشىدۇ، ياكى چاڭداننىڭ ئىچىدە بىخلىنىپ، گۈل چېڭى نەيچىسى چاڭدان تېمىنى تېشىپ ئۆتۈپ ئانىلىق ئاغزىغا قاراپ ئۆسىدۇ. كۆك پۇرچاق، خېنە، خاسىڭ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردە يېپىق گۈللۈك ئۇرۇقلىنىش ھادىسىسى بولىدۇ. خاسىڭ ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى مېۋە بېرىدىغان گۈللىرى كۆپىنچە يېپىق گۈللۈك ئۇرۇقلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.