Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گۈل سخېمىسى
بىئولوگىيە
花图式
huātúshì
گۈل توغرا كەسمە يۈزىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش شەكلى. دۈگىلەك چەمبەر ياكى دۈگىلەك چېكىت گۈل ئوقىنى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرى تەرەپكە جايلىشىدۇ. ئورغاقسىمان يايى سىزىق ئورىغۇچى يوپۇرماقنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەن تەرەپكە ياكى يان تەرەپكە جايلىشىدۇ. گۈلنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى گۈل ئوقى بىلەن ئورىغۇچى يوپۇرماق ئارىلىقىغا سىزىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كاسا يوپۇرمىقى دۈمبە تەرىپىدە ئۆسۈكچ بولغان ئورغاقسىمان ياي سىزىق (ئورغاقسىمان سىزىقنىڭ ئىچىدە توغرا سىزىقلار بولىدۇ) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. گۈلتاجى يوپۇرمىقى دۈمبە تەرىپىدە ئۆسۈكچە بولمىغان ئورغاقسىمان ياي سىزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ؛ ئاتىلىق چاڭداننىڭ توغرا كەسمە يۈزى بويىچە ئىپادىلىنىدۇ؛ ئانىلىق ئۇرۇقداننىڭ توغرا كەسمە يۈزى بويىچە ئىپادىلىنىدۇ. ھەرقايسى قىسىملارنىڭ سانى، ئورنى تىزىلىش ئۇسۇلى، ئايرىلىغان ياكى بىرىككەنلىكى، ئانىلىق ياپراقچىسىنىڭ سانى، ئۇرۇقداننىڭ خانە سانى، تۆرەلمە تەختى تىپى قاتارلىقلار بىرمۇ بىر ئىپادىلىنىدۇ. بۇ گۈللەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سېزىپ چىقىپ ھەرخىل ئۆسۈملۈك گۈللىرىنىڭ مورفولوگىيىسىنى سېلىشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.