Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گۈل رېتى
بىئولوگىيە
花序
huāxù
نۇرغۇنلىغان گۈللەر گۈل ئوقىدا بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە ئۆسكەن گۈل شېخى. ئۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ (1) چەكسىز گۈل رېتى. گۈلنىڭ يېتىلىش ۋە ئېچىلىش تەرتىپى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ياكى سىرتتىن مەركەزگە قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىغان گۈل رېتى. يەنى گۈل ئوقىنىڭ ئاساسىدىكى ياكى ئەتراپىدىكى گۈللەر ئالدى بىلەن يېتىلىپ ئېچىلىدۇ، ئاندىن تەدرىقىي ھالدا چوققىدىكى ياكى مەركەزدىكى گۈللەر يېتىلىپ ئېچىلىدۇ، گۈل ئوقىنىڭ چوققىسى بىر مەزگىل ئۆسۈپ دىففېرېنسىيىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چەكسىز گۈل رېتى تاق ئوقلۇق شاخلىنىدىغان بولغاچقا تاق ئوقلۇق گۈل رېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئۇ تىپىك ئومۇمىي گۈل رېتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغاچقا يەنە ئومۇمىي گۈل رېتى تۈرىدىكى گۈل رېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئومۇمىي گۈل رېتى، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى، ئۆگزىسىمان گۈل رېتى، باشاقسىمان گۈل رېتى، پوتلىسىمان گۈل رېتى، گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتى، باشسىمان گۈل رېتى، يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى، كونۇسسىمان گۈل رېتى، مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى، مۇرەككەپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى، مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) چەكلىك گۈل رېتى. گۈلنىڭ يېتىلىشى ۋە ئېچىلىشى گۈل ئوقىنىڭ چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىغان گۈل رېتى. يەنى، ئالدى بىلەن گۈل ئوقىنىڭ چوققىسىدىكى گۈللەر ئېچىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى گۈللەر ئېچىلىدۇ، ئاساسىدىكى گۈللەر ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىلىدۇ. چەكلىك گۈل رېتى كۆپ ئوقلۇق شاخلىنىشقا كىرىدىغانلىقتىن، كۆپ ئوقلۇق گۈل رېتى ياكى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىر ئاچىماقلىق چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى، ئىككى ئاچىماقلىق چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى، كۆپ ئاچىماقلىق چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپلىگەن گۈللەر تۈپلىنىپ گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىپ ئۆسكەندە ھەربىر گۈلنىڭ سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ، چاڭنىڭ تارقىلىشىغا قولايلىق بولىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياشىشى ئۈچۈن پايدىلىق.
ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك,ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
花序
huā xù