Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتمەك، خۇشال بولغان چاغدىكى ھەرىكەتتىن ئېلىنغان.
«ئاغزى يالاقتەك بولۇپ كەتمەك»،«نايناقلاپ كەتمەك» سەلبىي مەنىدە كېلىدۇ.
ئايپاشانىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئەزەم دادىسىنىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئاغزى يالاقتەك بولۇپ كەتتى. نامەت دادىسىدىن پۇل ئالغاندا، خۇشاللىقىدىن نايناقلاپ كەتتى.
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولماق، خۇشاللىقتىن يايراپ كەتمەك: ناغرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ لېتىپنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.