Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
固定化酶
بىئولوگىيە
تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم
تۇراقلاندۇرغۇچى ئېنزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىزىكا ياكى خىمىيىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئېنزىم بىلەن سۇدا ئېرىمەيدىغان چوڭ مولېكۇلىلىق توشۇغۇچى بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان ھەمدە بەلگىلىك ئاكتىپلىقنى ساقلايدىغان بىر خىل ئېنزىم تۇغۇندىسى بولغانلىقتىن، <ئېرىمەيدىغان ئېنزىم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئېنزىملارنىڭ تۇراقلاشتۇرۇلۇش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ: (1) ئېنزىم قاتتىق جىسىملار (ئاكتىپ كۆمۈر، ئىئون ئالماشتۇرغۇچى، مولېكۇلىلىق ئەلگەك) نىڭ يۈزىگە ئادسورپسىيىلىنىدۇ؛ (2) ئېنزىم قاتتىق ھالەتتىكى توشۇغۇچىلار (ئاگاروزا، پولى ئاكرىلامىد قاتارلىق) بىلەن كوۋالېنتلىق ھالدا بىرىكىدۇ؛ (3) قوش فۇنكىسىيىلىك رىئاكتىۋلاردىن پايدىلىنىپ، ئېنزىم ئاقسىلىنى كېسىشتۈرۈپ باغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قېتىپ تورسىمان تۈزۈلۈشلۈك قاتتىق فازىغا ئايلىنىدۇ؛ (4) ئېنزىم ئىنتايىن كىچىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردىلىك خالتىغا ياكى يېرىم كاتەكچىسىگە كۆمۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە ياكى مىكرو ئورگانىزم ھۈجەيرىسىگە كۆمۈلۈپ تۇرىدۇ. ئېنزىم تۇراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇراقلىقلىقى كۈچىيىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۆپ قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئېنزىم بىلەن ھاسىلات ئاسان ئايرىلىدۇ، ھەممىسىنىڭ ساپ مەھسۇلاتى يوقىرىراق بولىدۇ، تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇرېيە ۋە مىكرو تىپلىق كاپسۇللۇق ئادسورپسىيىلىگۈچىدىن تۈزۈلگەن سۈنئىي بۆرەك، بۆرەكنىڭ فۇنكىسىيىسى ئاجىزلاپ كېتىش كېسىلىگە ئىشلىتىلىدۇ. مۇقىملاشتۇرۇلغان ئاسپاراگىن ئېنزىمى جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىدە ئىشلىتىلىدۇ. مۇقىملاشتۇرۇلغان ئېنزىم يەنە ئېنزىملىق ئېلېكترون قىلىنىدۇ. مۇقىملاشتۇرۇلغان ئېنزىم ۋە مۇقىملاشتۇرۇلغان ھۈجەيرىلەر يەنە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئورمانچىلىق
gù dìng huà méi
ئىمموبىلىزېد ئېنزىم (تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم)