Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
古地磁断代
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يەر ماگىنتىزمنى دەۋرگە بۆلۈش
جىسىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەن يىل دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. يەر شارى ماگنىت مەيدانى ئىچىدىكى ماددا ھەرىكىتى بىلەن سىرتقى سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇتۇپلۇق 180 گرادۇسلۇق تەتۈر ئايلىنىشتىن پەيدا بولغان نۆۋەتلىشىپ قۇتۇپلانغان ۋاقىتقا ۋە قىسقا مۇددەتلىك قۇتۇپلۇق تەتۈر ئايلىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن يىل دەۋرى بېكىتىلىدۇ. ماگنىت مەيدانىنىڭ قۇتۇپلىنىپ تەتۈر ئايلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاندا 10 مىڭ يىلدىن تارتىپ 1 مىليون يىلغىچە، قىسقا بولغاندا بىرقانچە مىڭ يىلغىچە بولىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك يىل دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ۋاقتىدا، ئاساسەن قىزدۇرۇلۇپ ئېشىنغان ماگنىتلىقتىن پايدىلىنىدۇ. ساپال، خىشتىن ياسالغان ئوچاق، خۇمدان بىلەن ماگما جىنسلىرى قاتارلىق يېپىشقاق توپىلار ئارىسىدا مول تۆمۈر ئوكسىدى قاتارلىق ماگنىتلىق ماددىلار بار. سېغىز توپا كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ماگنىتلىق يۆنىلىش تەرتىپى قالايمىقان بولۇپ، ئۆز ئارا يېيىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ماگنىتلىق ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ.يۇقىرى ھارارەتتە كۆيدۈرۈلۈش جەريانىدا، مەزكۇر ئورۇندىكى يەر شارى ماگنىت مەيدانى كۈچىنىڭ تەسىرىدە، كۆيدۈرۈلگەن جىسىمنىڭ ماگنىتلىق تەرتىپ يۆنىلىشى يەر شارى ماگنىت مەيدانى يۆنىلشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كۆيدۈرۈش ئاخىرلىشىپ، ھارارەت سوۋۇغاندا، جىسىمنىڭ ماگنىتلىق يۆنىلىشى <قېتىشتۇرۋېلىنىدۇ> شۇنىڭ بىلەن، ئەۋرىشكىنىڭ ماگنىت ئېغىش بۇلۇڭى (يەر شارى ماگنىت مەيدانى شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئارا بۇلۇڭى) ۋە ماگنىت قىيسىق بۇلۇڭى (سۇ يۈزى تەكشىلىك ئارا بۇلۇڭى) ئۆلچەپ چىقىلىپ، مەلۇملۇق يىل دەۋرى ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن ماگنىت ئېغىش بۇلۇڭىنىڭ ماگنت قىيسىق بۇلۇڭىغا قارىتا ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىققا قىستۇرۇلسا، ئەۋرىشكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېىتملىق قىزدۇرۇلغان يىل دەۋرىنى بىلگىلى بولىدۇ.