Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
古巴导弹危机
دۇنيا تارىخى
كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى
كرايىب دېڭىزى كىرىزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى قۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئىختىلاپنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1962 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيسى رازۋېت قىلىپ سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ھۇجۇم قىلش خاراكتىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۇباغا يۆتكەپ كىرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 22 - كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننېدى كۇبانى قامال قىلش قارارىنى جاكارلاپ، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىز قوغلاشقا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توشۇۋاتقان پاراخوتلىرىنىڭ كۇباغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە قورال كۈچى ئىشلىتىش تەھدىتىنى سېلىپ، تىگىپلا كەتسە ئۇرۇش پارتلايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. 28 - كۈنى ئامېرىكا، سوېت ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغان، سوۋېت ئىتتپاقى كۇبادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى قۇرۇشنى توختاتقان. سوۋېت قوشۇنلىرى ۋە سوۋېتتە ياسالغان قوراللار چېكىندۈرۈلگەن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكا كۇبانى قامال قىلىشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.