Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
光合磷酸化
بىئولوگىيە
فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش
خلوروپلاست ياكى رەڭلىك توشۇغۇچى تەنچە يورۇقلۇق ئاستىدا، نىئورگانىك فوسفاتنى ADP غا قوشۇپ، ADP نى ATP غا ئايلاندۇرۇش بىلەن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات كىسلاتا بېغىنى ھاسىل قىلىدىغان جەريان. بۇ جەريان ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش بىلەن غەيرىي ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىشقا بۆلۈنىدۇ. ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىشتا، يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ ئۆتكۈزگەن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئېلېكترون فېررېدوكسىن ئارقىلىق ستوخرومغا ئۆتۈپ پەقەت ATP نىڭ ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى , ADP + Pi → ATP باشقا رېئاكسىيىلەر پەيدا بولمايدۇ. بۇ جەرياندا ئاكتىپلاشقان خلوروفىل مولېكۇلىسىدىكى ئېلېكترون بىرقاتار توشۇغۇچىلاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە خلوروفىل مولېكۇلىسىغا قايتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۇيۇق يول ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا بۇ جەريان ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅱ ئۆتكۈزگەن ئېلېكتروننىڭ پلاستىركۇينۇنى ئارقىلىق ستوخرومغا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ATP ھاسىل بولىدۇ، ستوخروم ئېلېكتروننى يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ گە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېلېكتر پوتېنسىئالى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا ئېلېكترون ئۆتكۈزۈش بىر ئوچۇق ھالەتتىكى يولدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا بۇ جەريان غەيرىي ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك
guāng hé lín suān huà
فوتوسىنتېز فوسفاتلاشتۇرۇشDئۆسۈملۈك
guāng hé lín suān huà
فوتو فوسفورلىنىش