Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
光反应和暗反应
بىئولوگىيە
يورۇقلۇق رېئاكسىيىسى ۋە قاراڭغۇلۇق رېئاكسىيىسى
فوتوسىنتېز يورۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن يورۇقلۇق رېئاكسىيىسى بىلەن قاراڭغۇلۇق رېئاكسىيىسىگە بۆلۈنىدۇ. يورۇقلۇق رېئاكسىيىسى يورۇقلۇق بولغاندىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان، يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رېئاكسىيە. ئۇ خلوروپلاستنىڭ ئاساسىي دانىچە ياپىلاق قەۋىتىدىكى خالتىسىمان تەننىڭ پەردىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يورۇقلۇق رېئاكسىيىسى - قۇياش ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى ئېلېكترون ئۆتكۈزۈش ۋە تەۋرىنى ئارقىلىق بىئو ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ ATP قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدىغان جەرياندىن ئىبارەت. بۇ جەريان يورۇقلۇقنىڭ قوزغىتىشى ۋە ئېلكتروننى ھەرىكەتلەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا يورۇقلۇق رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭغۇلۇق رېئاكسىيىسى - قاراڭغۇ ئورۇندا (يورۇقلۇق بولغاندىمۇ) ئېلىپ بېرىلىدىغان، كۆپ خىل ئېنزىم كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان خىمىيىلىك رېئاكسىيە. ئۇ ئاساسىي ماددا (خلوفوپلاستنىڭ ئېرىشچان قىسمىدا) ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاكتىپلاشقان خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ كاربوننى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئورگانىك ماددا ياسايدۇ. بۇ جەريان قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا ئۇ قاراڭغۇلۇق رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.