Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
光补尝点和二氧化碳补尝点
بىئولوگىيە
يورۇقلۇق تولۇقلىنىش نۇقتىسى ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد تولۇقلىنىش نۇقتىسى
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز جەريانىدا، ئوخشاش بىر يوپۇرماق ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە، فوتوسىنتېز جەريانىدا سۈمۈرۈۋالغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد بىلەن نەپەسلىنىپ قويۇپ بەرگەن ئوكسىگېن تەڭ بولغان ۋاقىتتىكى يورۇقلۇق كۈچىنىشى يورۇقلۇق تولۇقلىنىش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھاسىل بولغان ئورگانىك ماددا بىلەن سەرپ بولغان ئورگانىك ماددا تەك بولىدۇ. پۈتۈن كۈنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆسۈملۈك ئېھتىياجلىق بولغان ئەڭ تۆۋەن يورۇقلۇق كۈچىنىشى چوقۇم يورۇقلۇق تولۇقلىنىش نۇقتىسىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئادەتتە كۈنگەي ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يورۇقلۇق تولۇقلىنىش نۇقتىسى تەسكەي ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يورۇقلۇق تولۇقلىنىش نۇقتىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. يورۇقلۇق كۈچىنىشى چەكلىگۈچى ئامىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا فوتوسىنتېز جەريانىدا سەرپ قىلىنغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد نەپەسلىنىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد تەرىپىدىن دەلمۇدەل تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا فوتوسىنتېز كۆرۈنۈشتە نۆلگە تەڭ بولىدۇ، مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ كونسېنتراتسىيىسى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ تولۇقلىنىش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد تولۇقلىنىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق، قوناق، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلارنىڭ كاربون (Ⅳ) - تولۇقلىنىش نۇقتىسى ppm10 ~ 0 بولۇپ، ئۇلار تولۇقلىنىش نۇقتىسى ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ؛ بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد تولۇقلىنىش نۇقتىسى ppm100 ~ 40 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلار تولۇقلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ.