Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
关岛
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرگۇئام
غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مارىئانا تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك 13°26′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 144°43′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. يەر مەيدانى 540 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 120 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىنىڭ 95% نى شامورۇ خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئېنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. يەرلىك خەلقلەر شامورۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. گۇئام ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئېگىز، شىمالىي قىسمى پەسرەك بولۇپ، ئەڭ ئېگىز لاملام تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 407 مېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي قىسىم دېڭىز قىرغاقلىرىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. گۇئام ئارىلىنىڭ ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 26℃-27℃ قا يېتىدۇ، ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گۇئام ئارىلى 1565 - يىلى ئىسپانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1898 - يىلدىكى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئىگىلىگەن. ھازىر بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكايندىكى مۇھىم دېڭىز - ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئارالنىڭ شىمالىدا ئىدىسون ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار، ئارالدا پالما، شال، كاكائو، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق، كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن ھەرخىل بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائەتتە نېفىت ئايرىش، پىۋا ئىشلەش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. يىلدا بۇ ئارالغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ، سىرتقى سودىسىدا ئا ق ش، شياڭگاڭ، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق ئورۇنلار ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىguān dǎo
گۇئامDئۇنىۋېرسال
guān dǎo
گۇئام ئارىلى
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8guān dǎo
گۇئام ئارىل
گۇئام (ئامېرىكا)
ئىختىساسلىق
دائىرە: 区号和邮政编号guān dǎo
گۇئام
亚洲
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.