Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
观察
ھەربىي,باغۋەنچىلىك,كومپيۇتېر,ئەدلىيە
guān chá
كۆزىتىش، تەكشۈرۈشDفىزىكا
guān chá
كۆزىتىشDئۇنىۋېرسال
guān chá
تەكشۈرمەك، كۆزەتمەك
Dتەنتەربىيە
guān chá
كۆزىتىشDئېلېكترون، ئۇچۇر
guān chá
دىققەت، دىققەت قىلماقDئېلېكترون، ئۇچۇر
guān chá
كۆزىتىپ تەكشۈرۈشDپارقازان، بېسىملىق باك
guān chá
كۆزىتىشDئېلېكترون، ئۇچۇر
guān chá
كۆزىتىپ تەكشۈرۈشDئېلېكترون، ئۇچۇر
guān chá
كۆزىتىپ تەكشۈرۈشDپارقازان، بېسىملىق باك
guān chá
كۆزىتىش، ئۆلچەش، قاراش
پسىخولوگىيە
كۆزىتىش
بۇ كىشىنىڭ رېال ئوبيېكتنى بىۋاستە بىلىشنىڭ بىر خىل ئاكتىپ شەكلى بولۇپ، مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك ئىدراك قىلىشتۇر. ئىدراك قىلىش ئاڭلىق ئىدراك، ئاڭسىز ئىدراكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، ئاڭسىز ئىدراك مەلۇم ئوبيېكتنى ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەت ۋە ۋەزىپىگە ئاساسەن قىلىنغان ئىدراك ئەمەس؛ ئاڭلىق ئىدراك باشتىنلا مەلۇم مەقسەت، ۋەزىپە بىلەن تەڭشەلگەن بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا مۇئەييەن ئىردە تىرشچانلىقى بولىدۇ. كۆزىتىش بىر خىل ئاڭلىق ئىدراك بولۇپ، ئىدراكنىڭ ئالاھىدە فورمىسى، لېكىن ئۇ ئىدراك بىلەن چەكلەنمەيدۇ، دائىم تەپەككۇر بىلەن بىرلەشكەن بولىدۇ. ئوبيېكىتنى كۆزىتىش بىلەن تەڭ ئانالىز قىلىش، سېنتىزلاش، ئابستراكىتسىيلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆزىتىش ئىنسانلارنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ئەمەلىيەتكە ئىگە. ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، پەن تەتقىقاتى، سەنئەت ئىجادىيىتى، تەربىيە ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا شوغىللىنىدىغان ئوبيېكىت ئۈستىدە سىستېمىلىق، پۇختا، توغرا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، قىممەتكە ئىگە بىرىچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇش لازىم. مول ھېسسىي بىلىشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن شەيئى تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ قانۇنىيىتىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئۈنۈملۈك كۆزىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: (1) ئېنىق، كونكرېت كۆزىتىش مەقسىتى بولۇش؛ (2) پۇختا پىلان بولۇش؛ (3) كۆزىتش ئوبيېكتى توغرىسىدا زۆرۈر بىلىمگە ئىگە بولۇش؛ (4) تىل بىلەن ئېنىق بايان قىلىش ( كۆزىتىش مەقسىتى، كۆزىتىش جەريانى ۋە كۆزىتىش نەتجىسىنى)؛ (5) توغرا كۆزىتىش ئۇسۇلى بولۇش، ئوقۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا توغرا كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش، كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش سىستېمىلىق بىلىم ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى؛ (6) كۆزەتكۈچى ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇش.