Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرۋىنۇس
دۇنيا تارىخى
盖尔温努斯
gài ěr wēn nǔ sī
(1805 - 1871). گېرمانىيىلىك بۇرژۇئازىيە تارىخچىسى، ئەدەبىيات يازغۇچىسى. گىئېسسېن ۋە ھېيدېلبېرگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1830 - يىلى ھېيدېلبرگ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1835 - يىلى گوتتىنگېن داشۆسىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى بولغان. 1837 - يىلى ئاكا - ئۇكا گرىم قاتارلىق يەتتە نەپەر پروفېسسور بىلەن بىللە ھاننوۋېر كورۇلىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتتىن قوغلانغان. 1835 - 1842 - يىللاردا <گېرمانىيە مىللىي ئەدەبىيات تارىخى> (كېيىن <گېرمانىيە شېئىرىيەت تارىخى> دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى نەشىر قىلىپ، ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، شېئىرىيەتنىڭ ئىجتمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىشىغا قارشى تۇرغان؛ ئەدەبىي سەنئەتنىڭ قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىلىرى ۋە ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. 1848 - يىلى ھېيدېلبېرگ داشۆسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئازىيە لىبېرالىزمچى ۋە فېدېراتىۋىزىمچى بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ياقلىغان. 1847 - يىلى <گېرمان گېزىتى>نى تەسىس قىلىپ، مۇئەييەن سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان. 1848 - يىلدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، فرانكفورت مىللي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شېكىسپېر تەتقىقاتى ۋە ئىزاھلاش خىزمىتى بىلەن مەشغۇرل بولغان. 1853 - يىلى <ⅨⅩ ئەسىر تارىخى> غا <كىرىش سۆز> دېگەن ماقالىسىدا رادىكال لىبېرالىمزلىق نۇقتىئىنەزەرنى شەرھلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى دائىرىلەر تەرىپىدىن <ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان> دەپ ئەيىبلەپ، پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇ گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە پرۇسسىيەنىڭ شوۋېنزملىق يولىغا ۋە بېسماركنىڭ <تۆمۈر قان> سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، بىسماركنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارىشىغا ئۇچرىغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرى <شېكىسپېر>، <ⅨⅩ ئەسىر تارىخى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.