Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گرېۋي
دۇنيا تارىخى
格雷维
gé léi wéi
(1807 - 1891) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتنىڭ زۇڭتۇڭى (1879 - 1887). ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان. 1848 - يىلى قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا ئىشلىگەن چاغدا، لۇئى بوناپارتنىڭ باش كۆتۈرىشىدىن ئەنسىرەپ، كۈچلۈك زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم ئورنىتىشقا قارشى تۇرغان. 1851 - 1868 - يىللىرى ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 - يىلى قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىگە سايلىنىپ، تېزلا لىبېرالىزمچى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇم بولغاندىن كېيىن، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى (1871 - 1873) ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى (8761) بولغان. زۇڭتۇڭلۇق مۇدددىتى ئىچىدە زۇڭتۇڭنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇق چېكىنى كېڭەيتكەن. تاشقى سىياسەتكە نىسبەتەن ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە تۇتقان. مىللىي قىساسچىلىقىنى توسقان، مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىككە قارشى تۇرغان. 1887 - يىلى كۈيئوغلى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋىلسون جۈنتۇەن شەرەپ ئوردىنىنى ساتقانلىقى تۈپەيلىدىن نائىلاج خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن. ئۇنىڭ <سىياسىي ۋە ئەدلىيە ھەققىدىكى نوتۇقلار توپلىمى> دېگەن ئەسىرى بار.