Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گرۇسسېت
دائىرە: دۇنيا تارىخى格鲁塞
gé lǔ sài
(1885 - 1952) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس ۋە شەرقشۇناس. ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدىكى مۇزېيلاردا ئىشلىگەن ھەمدە ھازىرقى زامان شەرق تىل شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. <ئاسىيا ژورنىلى> نىڭ تەھرىرلىك ئىشىغا قاتناشقان. 1946 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. تارىخ تەتقىقاتىدا، شەرق ئارخېئولوگىيىسى ۋە تىلشۇناسلىقىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلغان، كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ تۇراقلىشىپ قالغان مىللەتلەرگە قىلغان تاجاۋۇزى بىلەن ھاۋا رايىدىكى ئۆزگىرىش ۋە سۇ ھەم ئوت - چۆپلەردىكى مولچىلىق زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <ئاسىيا تارىخى>، <يىراق شەرق تارىخى>، <شەرقنىڭ مەدەنىيەت تارىخى>، <بوزقىر ئىمپېراتورلۇقى>، <موڭغۇل ئىمپېرىيىسى> قاتارلىقلار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.