Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گرۇن
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى格伦〈独联体〉
gé lún 〈dú lián tǐ 〉
دائىرە: دۇنيا تارىخى格律恩
gé lǜ ēn
(1817 - 1887) گېرمانىيىلىك ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچى، سىياسىي ئوبزورچى. <ھەقىقىي> سوتسىيالىزمچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. دەسلەپكى يىللاردا بونن، بېرلىندا پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئوقۇغان. 1842 - يىلى <ماننىخېيىن كەچلىك گېزىتى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، ئەسەرلىرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بادېنى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغىلىۋېتىلىپ، كىيولىندا تۇرغان. 1843 - يىلى موسېس خېس (1812 - 1875) بىلەن تونۇشۇپ، <ھەقىقىي> سوتىسيالىزمچىلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1844 - يىلى 9 - ئايدا لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، پۇردون بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ شوۋېنىزمنى كۆككە كۆتۈرگەن. 1848 - يىلى پرۇسسىيە مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغنا. گېرمانىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بريۇسسېلدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1861 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان، ياندۇرقى يىلى فرانكفورت ئالىي سودا ھۈنەر - سەنئەت مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1867 - يىلى ۋېنادا ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ <فرانسىيە ۋە بېلگىيىدىكى ئىجتىمائىي ھەرىكەت>، <فېييېرباخ ۋە سوتسىيالىزمچىلار> دېگەن ئەسەرلىرى بار. ماركىس، ئېنگلېس ئۇنى <ھەقىقىي سوتسىيالىزمچىلار> ئىچىدىكى ئەڭ يول قويۇپ بولمايدىغان ئادەم دېگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.