Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېرتسوگ
دۇنيا تارىخى
(1) غەربىي ياۋرۇپادىكى ئۇنۋان نامى. ئەسلىدە لاتىنچىدىكى <قوماندان> دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئەسلىدە رىمنىڭ چەت چېگرا ئۆلكىسىدىكى ھەربىي قومانداننىڭ نامى بولغان. يەنە ئۆلكىنىڭ ھەربىي باشلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى گېرمان تىلىدا hcrizog دەپ ئېيتىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە گېرمانلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. فرانك پادىشاھلىقى دەۋرىدە، گېرتسوگ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارى ھېسابلانغان. غەربىي ياۋرۇپادىكى فېئودال بۆلۈنمە ھالەتتىكى دەۋردە بولسا، فېئودال خوجايىنىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا كېنەزلىككە ئىگە بولغان. مەسىلەن: فرانسىيىدىكى ئاكۋىتانىيە كىنەزلىكى، بوئورگوگنى كىنەزلىكى، نورماندى كىنەزلىكى، گېرمانىيىدىكى ساكسون كىنەزلىكى، باۋارىيە كىنەزلىكى قاتارلىقلار. پادىشاھنىڭ ھوقۇقى كۈچەيگەندىن كېيىن، بۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى بولۇپ قالغان.ئورنى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدۇ. (2) سلاۋىيان دۆلەتلىرىدىكى ئۇنۋان نامى. ئەسلى قەبىلە باشلىقىنى كۆرسىتەتتى. فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللەنگەن مەزگىلدە، كىنەزلىككە ئىگە بولغان فېئودال خوجىغا ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىر خىل ئۇنۋانىغا ئايلىنىپ قالغان. روسىيىدە 1917 - يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
غەربىي ياۋروپادا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەمەلدار، كىنەزلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئادەم.