Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە جاھانگىرلىكى مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1894 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 55 مىڭدىن ئاشقان. مەملىكەت ئىچىدە شوۋىنىزمنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، شەرقىي ياۋرۇپادىكى مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىياتنى قۇترىتىپ، ئەكسىيەتچىل <شەرققە يۈرۈش قىلىش سىياسىتى> نى يولغا قويۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپادىكى تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمچىلىكى ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلىغان. 1934 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.