Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە - ئاۋسترىيە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
德奥协定
dé ào xié dìng
گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئالىيجاناپلار كېلىشىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فاشىست گېرمانىيىسى ساختىپەزلىك بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيمىز دەپ، ئاۋسترىيە بىلەن تۈزگەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمى. 1936 - يىل 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىمزالانغان. كېلىشىمدە گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ئاۋسترىيەنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىنىڭ <گېرمانىيە دۆلىتى> بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر مەخپىي ماددا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋسترىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا گېرمانىيە نازارەت قىلىدۇ، ناتسىستلار ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىم گىتلېرنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىش يولىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.