Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1869 - يىلى 8 - ئايدا ئېيزىناختا چاقىرىلغان پۈتۈن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسنىڭ ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. شۇڭا <ئېيزىناخچىلار> دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن ئا. بېبېل، ۋىلھېلم لىبكنېخت قاتارلىقلار بار. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە ئەزاسى 10 مىڭدىن ئاشقان. ئۇنىڭ پروگراممىسى ئاساسلىق مەسىلىلەردە ماركسىزملىق كۆز قاراشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا لاسال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقاندىن كېيىن، ماركىس، ئېنگلېسلارنىڭ ياردىمى بىلەن لاسسالچىلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلغان يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئىنقىلاب قىلىش يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن. پارتىيىنىڭ ئورگان ژورنىلى <دېموكراتىيە ھەپتىلىك ژورنىلى> (1869 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ <خەلق دۆلىتى> گېزىتكە ئۆزگەرتىلگەن) چىقىرىلغان. ئىشىچلار پارتىيىسىنىڭ بىرلىكىنى بىر تەرەپلىمە تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن لاسسالچىلار بىلەن پرىنسىپسىز مۇرەسسە قىلغان ۋە ئۇلارغا يول قويغان. 1875 - يىلى 5 - ئايدا گوتادا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا لاسسالچىلار بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى (1890 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) قۇرغان.