Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
德国独立社会民主党
dé guó dú lì shè huì mín zhǔ dǎng
گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى پارتىيە. 1916 - يىلى 3 - ئايدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئارىلىقتىكىلەرنىڭ رەھبىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچىلار ئاممىسنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئوڭچىلارنىڭ ئاسىيلىق ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، پارلامېنتتا <سوتسىيال دېموكراتلار ئەمگەك جەمئىيىتى> دېگەن مۇستەقىل تەشكىلات قۇرۇپ، ئاشكارا پارچىلىنىش يولىنى تۇتقان. ئارىلىقتىكىلەرنىڭ رەھبىرى ئاممىغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، 1917 - يىلى 4 - ئايدا گوتا شەھىرىدە پۈتۈن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى <ئۆكتىچىلەر> ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن كائۇتىسكى، بېرنىشتېيىن قاتارلىق ئاغمىچلار بار. ئۇلار ئىسلاھات يولى ئارقىلىق ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدا <ۋەتەننى قوغداش> قاتارلىق سوتسىيال شوۋىنىزملىق كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغان. 1918 - يىلى گېرمانىيەنىڭ نويابر ئىنقىلابىدا ئۇنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرى ئېبېرت قاتارلىقلار بىەن دوست تارتىشقان ھەمدە 1922 - يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېڭىۋاشتىن بىرلەشكەن، ئۇنىڭ سول قانىتى 1920 - يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان.