Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى德奥合并
dé ào hé bìng
1938 - يىلى 3 - ئايدا فاشسىت گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترىيەنى يۇتۇۋېلىش ۋەقەسى. <مۇقەددەس گېرمانلار سۈلھ شەرتنامىسى> دا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشى مەنئىي قىلىنغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن <بۈيۈك گېرمانىيە> نىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويغان. 1934 - يىلى 7 - ئايدا گىتلېر ئاۋسترىيىدىكى فاشىستلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىپ، ئاۋسترىيە زۇڭلىسى دوللفۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. سىياسىي ئۆزگىرىش ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. 1938 - يىلى 2 - ۋە 3 - ئايلاردا گىتلېر ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئاۋسترىيىنى ناتسىستپەرەس ھاكىمىيەت قۇرۇشقا مەجبورلىغان. 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گېرمانىيە ئاۋسترىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇش <ھۈججىتى> گە ئىمزا قويۇشقا مەجبورلاپ، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيەنىڭ بىر <ئۆلكىسى> دەپ جاكارلىغان. ئاۋسترىيە شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.