Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گرىگورېسكۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى格列高莱斯库
gé liè gāo lái sī kù
(1838 - 1907) رومىنيىلىك رەسسام. نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيىدە ئوقۇپ، بابىسۇن رەسساملار گۇرۇھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1877 - 1878 - يىللىرىدىكى تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىققا ئىگە نۇرغۇن ماي بوياق سۈرەتلەرنى ۋە جەڭگىۋار ھەربىي يۈرۈشكە ئائىي تېز سىزمىلارنى سىزغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن. قەلىمى ئاددىي - پىششىق، رەڭلىرى ماسلاشقان بولۇپ، قويۇق يېزا تۈسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <سىموردامنى ئېلىش>، <تاغلىق كەنتتىن كەلگەن دېھقان ئايال> ۋە <دېھقان قىزى> قاتارلىقلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.