Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گرېگورې
دۇنيا تارىخى
格列高利
gé liè gāo lì
(تەخمىنەن 538 - 594) فرانك پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. گاللىيە - رىم ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىسىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار. مىلادى 573 - يىلى گاللىيىدىكى تۇرىس دىنى رايونىدا ئېپىسكوپ بولغان. دائىم ئوردىغا كىرىپ چىقىپ، ئېسىلزادىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشپ تۇرغان، گاللىيە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلگەن، ئاساسىي ئەسىرى ئون توملۇق <فرانكلار تارىخى> بولۇپ، ئۇ لاتىنچە يېزىلغان، ئۇنڭ تۆت خىل كۆچۈرۈلمىسى دۇنياغا تارالغان. مەزمونى <ئىنجىل> دىكى <دۇنيانىڭ يارىتىلىشى> دىن باشلىنىپ، 591 - يىلغىچە بولغان تارىخ تەپسىلى، ئىخچام بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتېرىياللارغا ۋە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن يېزىلغان. بەزىلىرى ئاپتورنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بولۇپ، ئومۇمەن ئىشەنچلىك. فرانك پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى جەمئىيەت ئىقتىسادىي، سىنىپىي قۇرۇلمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.