Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىرىفتار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يولۇققان، گىرىپتار، بەند، ئەسىر، مەھكۇم:
مەپتۇن قىلغۇچى، ئاشىق:
1. ئىشقى مەجازىغە خەرىدارلىق،
سەددى ئىسكەندەرگە گىرىفتارلىق.
زەلىلى.
ئالىپ قۇيدى مەينى دىلىم كامىغە،
گىرىفتار بولدۇم ئانىڭ دامىغە.
ئا. نىزارى. ن. زىيائى.
2. جانىمدىن ئۆزگە مەھرەمى ئەسرار تاپمادىم،
كۆڭلۈمدىن ئۆزگە مەھرەمى ئەسرار تاپمادىم.
جانىمدىن ئۆزگە جاننى دىلئەفكارا كۆرمەدىم،
كۆڭلۈم كەبى كۆڭۈلنى گىرىفتار تاپمادىم.
بابىر.
ۋەسف ئېتەي دەپ گەر ئاتىن تۇتسام زەبانىم ئۆرتەنۇر،
يوقتۇرۇر ئالەمدە بىر مەندەك گىرىفتارى يەنە.
ئەرشى.