Uyghurئاساسىي لۇغەت
گراف
دۇنيا تارىخى
ياۋرۇپادىكى مەرتىۋە ئۇنۋان نامى. ئەسلىدە فرانك پادىشاھلىقىدا يەرلىك ئەمەل نامى بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلاردا ئەدلىيە، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە مالىيە قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە فرانسىيىدىكى گرافلار پادىشاھلىق ئەمەلدارىدىن بىر تەرەپنى بۆلۈۋالغان ئاتا مىراس فېئوداللارغا ئايلانغان. Ⅸ ئەسىردە گېرمانىيىدىمۇ شۇ خىل ھادىسە يۈز بەرگەن. فېئوداللىق تەپرىقچىلىقنىڭ يوقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىرخىل ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋە ئۇنۋانىغا ئايلانغان. روسىيىدە ئىمپېراتور پېتر دەۋرىدىن تارتىپ شۇخىل مەرتىۋە - ئۇنۋانى تەسىس قىلىنغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
غەربىي ياۋروپا ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى رۇسىيىدە كىنەزدىن كېيىن، باروندىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان ئوردا ئەمەلدارى.