Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گوتساك
دائىرە: دۇنيا تارىخى哥特沙克
gē tè shà kè
(1815 - 1849) گېرمانىيەنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى <سول> چىل ئاغمىچىلارنىڭ باشلىقى. دەسلەپ <ھەقىقىي> سوتسىيالىزم بىلەن ماسلاشقان. 1847 - يىلى كوممۇنىزمىچلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1848 - 1849 - يىللىرى گېرمانىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848 - يىلى 4، 6 - ئايلاردا <كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى>نىڭ رەئىسى بولغان، قانۇنىي كۈرەش قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن پروسسىيە پارلامېنتى ۋە فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، <سول> چىل ئاغمچىلىق يولىغا مېڭىپ، ئىشچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دەرھال <ئىشچىلار جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن. 1848 - يىلى 6 - ئايدا پروسسىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن، <كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى>نى مەركەز قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشمىنىڭ كەڭ ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.