Uyghurئاساسىي لۇغەت
گوتچە ئىمارەت
دۇنيا تارىخى
ئېگىز تىك ئىمارەت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. 14 - 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە ئىتالىيانلار ئوتتۇرا ئەسىرنى جاھالەت دەۋرى دەپ ئاتىغانلىقتىن، <گوت> نىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 13 - 12 - ئەسىرلەردە دەسلەپ فرانسىيىدە مەيدانغا كەلگەن، <فرانسۇزچە ئىمارەت> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭدا رىمچە قېلىن، قاراڭغۇ بولىدىغان، يېرىن ئاي شەكىلدىكى ئەگمە ئىشىكلىك ئىبادەتخانا ئۇسلۇبىنىڭ ئەكسىچە، سىزىقلىرى يەڭگىل، ئۇچلۇق ئەگمىلەر كەڭ قوللىنىلغان، چىرايلىق كىچىك مۇنارلار، يەڭگىل يورۇق يانداش تاملار، ئېگىز تۈۋرۈكلەر، شۇنىڭدەك رەڭلىك ئەينەكتىن ئىشلەنگەن گۈللۈك دېرىزىلەر ياسالغان بولۇپ، بىر خىل يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، ساماۋى سىرلىق خىيال ھاسىل قىلىنغان. خرىستىئان دىنى ئەۋج ئالغان دەۋرنىڭ نۇقتىئەنەزىرى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ماددىي - مەدەنىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكىلىرى فرانسىيىدىكى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋسى، گېرمانىيىدىكى كىيولىن چوڭ چېركاۋسى، ئەنگلىيىدىكى لىنكولىن چېركاۋسى، ئىتالىيىدىكى مىلان چېركاۋسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.