Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گوتا پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
哥达纲领
gē dá gāng lǐng
گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. 1875 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيىدىكى ئېيىزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلارنىڭ گوتادا ئۆتكۈزگەن بىرلىشىش قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. 1874 - يىلىدىن ئىلگىرىلا ئېيىزىناخچىلار كۆپ قېتىم لاسسالچىلارغا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىشىنى تەكلىپ قىلغاندا رەت قىلىنغان. كېيىن لاسسالچىلارنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، لاسسالچىلار ئېيىزىناخچىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئۆزلۈكىدىن تەلەپ قىلغان. ماركس بىلەن ئېنگلېس بىرلىشىش ۋە ئىتتپاقلىشىش ئىلمىي كوممۇنىزم پرىنسىپى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى، ھەرگىز پرىنسىپ ئۈستىدە سودىلاشماسلىق كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1875 - يىلى 2 - ئايدا ۋېلھېلم لىبكنېخت قاتارلىق كىشىلەر ماركىس بىلەن ئېنگلېسنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، ئالدىراپ تېنەپ لاسسالچى ھاسسېلمان (1844 - ؟) بىلەن بىرلىكتە لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىق كۆزقارىشى بىلەن تولغان پروگرامما لايىھىسىنى تەييارلاپ، شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ئورگان گېزىتىدە ئايرىم - ئايرىم ئېلان قىلغان. بۇ پروگراممىدا بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقى كۆككە كۆتۈرۈلگەن، سىنىپتىن تاشقىرى بولغان <ئەركىن خەلق دۆلىتى> تەرغىپ قىلىنغان، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسى ئىنكار قىلىنغان؛ بارلىق قانۇنىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قۇرۇپ، تىنچ يول بىلەن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنغان؛ <تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى> كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، كاپىتالىستىك ياللانما ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىلىك ماھىيىتى يېپىلغان؛ شۇنداقلا ئىشىچلار سىنىپىنىڭ تاشايىنىدىكى <بارلىق سىنىپلار>، جۈملىدىن دېھقانلار ۋە باشقا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە <ئەكسىيەتچى بىر گۇرۇھ> دېيىلگەن ھەمدە بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى تەرغىپ قىلىنغان، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇلغان. ماركس بىلەن ئېنگلېس ئاغمچىلىق پروگراممىسى ئاساسىدىكى بىرلىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرغان، ماركس <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد>نى يېزىپ رەددىيە بەرگەن.