Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گورچاكوۋ
تارىخ
哥恰荆艮
gē qià jīng gèn
دائىرە: دۇنيا تارىخى哥恰可夫
gē qià kě fū
(1798 - 1883) روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1856 - 1882)، باش ۋەزىرى (1867 - 1882). 1817- يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت ئىشلىگەن، مۇقەددەس ئىتتىپاق چاقىرغان يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان ھەمدە كۆپ يىللار چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرگۈزگەن؛ ئاسىيادا، ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇۈ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى <ئەيخۇي شەرتنامىسى>، <بېيجڭ شەرتنامىسى>نى ئىزالاشقا مەجبور قىلغان، كېيىن يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ ئىلى رايونىنى بېسىۋالغان؛ ياۋرۇپادا، 1870 - يىلىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> دىكى روسىيەنىڭ قارا دېڭىزدا فلوت ساقلىشىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماددىلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەىي پرۇسسىيە، ئاۋسترالىيەلەر بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ، 1877 - 1878 - يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. 1878 - يىلى بېرلىن يىغىنىغا قاتنىشىپ، روسىيىگە پايدىسىز بولغان <بېرلىن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور بولۇپ، روسىيەنىڭ بالقان رايونىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزگەن. 1882 - يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.