Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
龚帕斯
دۇنيا تارىخى
گومپېرىس
(1850 - 1924) ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئەنگلىيەدىكى لوندوندا تۇغۇلغان. 1863 - يىلى ئامېرىكىدىكى نيو ـ يورك شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئىككىنچى يىل نيو - يورك سىگار تاماكا ئىشچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1881 - يىلى <ئەمگەكچى رىتسارلار ئۇيۇشمىسى> قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ پىتتىسبۇرگدا <ئامېرىكا ۋە كانادا تەشكىللىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى>نى قۇرغان، 1886 - يىلى ئۇنى ئۆزگەرتىپ <ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى> تەشكىل قىلىپ، تا ۋاپات بولغانغا قەدەر (1895 - يىلى بۇنىڭ سىرتىدا) ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئىقتىسادىي كۈرەشنى تەكىتلىگەن، نېگىر ئىشچىلارنى چەتكە قاققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىش تاشلاشنى توسۇغان، ئۇرۇشنى ھىمايە قىلغان. 1917 - يىلى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1919 - يىلى پارىژ تىنچلىق يىغىنى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <ئەمگەكچى ۋە ياللىغۇچى>، <تەرجىمىھال: 70 يىللىق ھايات ۋە ئەمگەك> قاتارلىقلار.