Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گونادوتروپىن
بىئولوگىيە
促性腺激素
cùxìngxiànjīsù
<جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى گورمون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزسىمان گىپوفىز (<گىپوفىز گورمونلىرى> غا قارالسۇن) ئاجرىتىپ چىقارغان ئىككى خىل گورمون تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمولىنى ۋە پروگېستېرون ]ئەركەكلەردە يەنە ئارىلىق ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان ستىمولىنى دەپ ئاتىلىدۇ (قىسقارتىلمىسى ICSH)[ دىن ئىبارەت. تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمولىنى تۇخۇمداندىكى تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەم پروگېستېروننىڭ ماسلىشىشى بىلەن تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ ئېستېرىن (ئېستېروگېن ياكى ئانىلىق گورمون) ئاجرىتىشنى ئېلگىرى سۈرىدۇ. پروگېستېرون يەنە يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ تۇخۇم چىقىرىشى ۋە تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ سېرىق تەنىگە ئايلىنىشىنى ھەم پروگېستىن (لۇتىن) ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەركەكلەرنىڭ تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمولىنى ئۇرۇقدان (تېستىس) ئەگرى ئۇرۇق قانالچىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۇرۇق (سپېرما) نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئارىلىق ھۈجەيرە ستىمولىنى ئۇرۇقدان ئارىلىق ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە ھەم ئاندروگېن (ئاتىلىق گورمون) ئاجرىتىشىغا تۇرتكىلىك قىلىدۇ. بەزسىمان گىپوفىز ئاجراتقان بۇ ئىككى خىل گورموننڭ ماسلىشىپ رول كۆرسىتىشى جىنسىي بەز ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېتىلىشىنى ئورتاق تەڭشەپ ئورگانىزمنىڭ كۆپىيىش فۇنكسىيىسىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
تېببىي
促性腺激素
cù xìng xiàn jī sù